يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلاردا 21 سى ھۇسىي مىلىتانى، 7 سى پۇقرا بولۇپ، 27 كىشى ئۆلدى.

869575
يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ھەربىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇسىيلار ھۇدەيدە شەھىرىنىڭ ھەيسى رايونىدا ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 20 ھۇسىي مىلىتانى ئۆلگەن.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مۇھەممەد ئەلئۇمرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تائىزنىڭ «مەۋزە» ناھىيەسىدە  پۇقرالار ئولتۇرغان بىر  ئاپتوموبىلدىكى 7 پۇقرا قازا قىلغان، نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بۇ ھەقتە تېخىچە بايان ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر