سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللارنىڭ يۈك ئاپتوموبىل ۋە موتسىكلىت ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2018 – يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئاياللارنىڭ يۈك ئاپتوموبىل بىلەن موتسىكلىت ھەيدىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىندى.

869599
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاياللارنىڭ يۈك ئاپتوموبىل ۋە موتسىكلىت ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA)  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتناش باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك تاش يوللارنى باشقۇرۇش بىخەتەرلىك كۈچلىرى قوماندانلىق ئىشتابى ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە ئالاقىدار بەزى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاياللار 2018 – يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەربىي تەلىم ئالغاندىن كېيىن ھەربىي خىزمەتلەرنىمۇ ئۆتىيەلەيدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن سېنتەبىر ئېيىدا چىقىرىلغان قارارنامىدە، دۆلەتتە 2018 – يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئايالارنىڭمۇ شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر