فېيىسبۇك قۇددۇسقا مۇناسىۋەتلىك راي سىناش پائالىيىتىنى چەكلىۋەتتى
مەركىزى ئىستانبۇلدا بولغان ئىسلام كېڭىشى ۋە ھەمكارلىق ياشلار مۇنبىرى فېيىسبۇكنىڭ قۇددۇسقا مۇناسىۋەتلىك راي سىناش پائالىيىتىنى چەكلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىستانبۇلدا بولغان ئىسلام كېڭىشى ۋە ھەمكارلىق ياشلار مۇنبىرى مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ قۇددۇس مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش پائالىيىتىنىڭ فېيىسبۇك «Facebook» تەرىپىدىن «خەتەرلىك مەزمۇنلار»بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ چەكلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىسلام كېڭىشى ۋە ھەمكارلىق ياشلار مۇنبىرى 16 ياشلىق پەلەستىنلىك فەۋزى ئەل-جۇنەيدىنىڭ 25دەك ئىسرائىلىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ راي سىناش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سەھىپىنىڭ مۇقاۋىسى قىلىنغانلىقىنى، لېكىن فېيىسبۇكنىڭ بۇنى چەكلەپ پىكىر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇنبەر فېيىسبۇكنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، فېيىسبۇك مەسئۇللىرىدىن بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.