سۈرىيەدە ئۆلگەن ئىرانلىقلار يەرلىكىگە قويۇلدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە تەۋە مىلىتانلارنىڭ جەسەتلىرى ئىراننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە يەرلىكىگە قويۇلدى.

866983
سۈرىيەدە ئۆلگەن ئىرانلىقلار يەرلىكىگە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە تەۋە فاتىمىييۇن ئەترىتىگە ئائىت 3 مىلىتان ئۆلدى.

تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن فاتىمىييۇن ئەترىتىگە تەۋە مىلىتان ھامىد ھۇسەيىن زادە، مەشھەد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جنازا مۇراسىمى بىلەن يەرلىكىگە قويۇلدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە تەۋە مىلىتانلاردىن ئەمىن ھۇسەيىن ۋە سەييىد نەبى ھۇسەينىنىڭمۇ پەيشەنبە كۈنى ئەسفاھان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم بىلەن يەرلىكىگە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىرانغا كۆچۈپ بارغان ئافغانىستانلىقلاردىن تەشكىللەنگەن فاتىمىييۇن ئەترىتى، سۈرىيەدە 2011 – يىلى ھۆكۈمەت قىسىملىرى خەلقنىڭ تىنچ نامايىشىنى قانلىق باشتۇرغاندىن كېيىن، باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە 2013 – يىلىدىن بۇيان بەششار ئەسەد قىسىملىرىنى قوللاۋاتقان ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ ئالدىنقى سەپتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋانگارت مىلىتانلار بولۇپ تونۇلغان ئىدى.

غەيرى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانغا تەۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانى 2400 ئەتراپىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر