پېنتاگون، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

866587
پېنتاگون، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون باياناتچىسى پولكوۋنىك روب ماننىڭ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتىدىغانلىقىغا دائىر باياناتىنىڭ رايوندىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ شەرت – شارائىتقا باغلىق ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پولكوۋنىك ماننىڭ، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش يولىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك سېرگېى سۇروۋىكىن، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن 23 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 2 تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئالاھىدە قىسىملار، ھەربىي ساقچى ۋە ساھە بىخەتەرلىكى خادىملىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر