تۇنىس ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چاقىردى

تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئامېرىكا باش ئەلچىسى دانىيال رۇبىنستىننى «دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چاقىرغان.

865627
تۇنىس ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە چاقىرىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەلباجى قائىد ئەلسىبسى تۇنىسنىڭ قۇددۇس قارارىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئامېرىكا بەش ئەلچىسى دانىيال رۇبىنستىننى چاقىرغان.

تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەلباجى قائىد ئەلسىبسى پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسقىمۇ قۇددۇس مەسىلىسى توغرىسىدا مەكتۇپ ئەۋەتكەن. ئۇ مەكتۇبىدا، باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكانىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن «ئەرەبلەر، مۇسۇلمانلار ۋە تىنچلىقنى ياقتۇرىدىغان بارلىق تەرەپلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر