مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى شىركەتلەر ئامېرىكىغا سودا بايقۇتى يولغا قويۇشقا چاقىرىلدى

ماۋرىتانىيەدە قۇددۇس توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى شىركەتلەر ئامېرىكىغا سودا بايقۇتى يولغا قويۇشقا چاقىرىلدى.

865511
مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى شىركەتلەر ئامېرىكىغا سودا بايقۇتى يولغا قويۇشقا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماۋرىتانىيەدە  ھۆكۈمەت ۋە سودا-سانائەتچىلەر ئامېرىكىغا سودا بايقۇتى قىلىشقا چاقىرىلدى.

ماۋرىتانىيەنىڭ پايتەختى نوۋاكشوتتا قۇددۇس تېمىلىق مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان دىنى زاتلار مۇسۇلمان ۋە ئەرەب دۇنياسىدىكى شىركەتلەرنى ئامېرىكىنى بايقۇت قىلىشقا ۋە ئامېرىكا ماللىرىنى ئىمپورت قىلماسلىققا چاقىردى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئەرەب خەلقىنى ئامېرىكا ھاكىمىيىتى قۇددۇس قارارىدىن ۋاز كەچكۈچە نارازىلىق نامايىشلىرىنى توختاتماسلىققا، ماۋرىتانىيە ھۆكۈمىتىنى ۋاشىنگىتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا چاقىردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى مەدھىيەلەنگەن يىغىندا ئەرەب رەھبەرلىرىدىنمۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئەردوغانغا ئوخشاش پوزىتسىيە بىلدۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 6-دېكابىردا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1980-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇسنى مەجبۇرىي قوشۇۋېلىپ پايتەخت ئېلان قىلىشىنى قانۇنىي جەھەتتىن كۈچكە ئىگە قىلماسلىقنى مەزمۇن قىلغان 478 نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئەكسىچە، «قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى»دېگەنىدى.

دونالد ترامپ ئارقىدىنلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكىنىڭ تېل-ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر