ئابباس مەشئەل بىلەن كۆرۈشتى

پەلەسىتن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ھاماسنىڭ سابىق رەھبىرى خالىد مەشئەل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

864279
ئابباس مەشئەل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، قۇددۇس مەسىلىسى، پەلەسىتنلىكلەر ئارا مۇرەسەچىلىك باسقۇچى، مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش، ئىچكى ئىختىلاپقا دەرھال خاتىمە بېرىش، قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەسىتن داۋاسىغا قارشى دۇئېل ئېلان قىلىش ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1980 – يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇسنى بېسىۋېلىپ پايتەخت ئېلان قىلىشىنى ئىناۋەتسىز قىلغان 478 – نومۇرلۇق قارارىغا قارىماي، «قۇددۇسنى رەسمىي ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر