ئىسلام ئۈممىتى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى چىقىشقا چاقىرىلدى

پەلەستىن ئالىملار بىرلىكى  ئىسلام ئۈممىتىنى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى چىقىشقا چاقىردى.

862971
ئىسلام ئۈممىتى ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى چىقىشقا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئالىملار بىرلىكى  ئىسلام ئۈممىتىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنڭ پايتەختى»سۈپتىىدە ئېتىراپ قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

بىرلىك تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ  مۇنداق دېيىلدى:«ئىسلام ئۈممىتى ۋە خەلقىمىزنى ترامپنىڭ قارارىغا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىي بويىچە قارشى چىقىشقا چاقىرىمىز.»

ترامپنىڭ قارارىنىڭ يەھۇدىي رادىكالىزىمىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا  قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىندىكى بارلىق قاتلام ۋە گۇرۇھلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر