ئافېنادا مۇساپىرلار مەسىلىسى سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېنادا مىدىللى، ساكىز ۋە سىسام ئاراللىرىكى مۇساپىرلار سەۋەبىدىن سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

862136
ئافېنادا مۇساپىرلار مەسىلىسى سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى، ساكىز ۋە سىسام ئاراللىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئاھالىلىرى پايتەخت ئافېنادا مۇساپىرلار مەسىلىسى  سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار كۆچ سىياسىتى مىنستىرلىقى ئالدىدا يىغىلدى.

نامايىشتا ئۈچ ئارالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاراللارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، كۆچ سىياسىتى مىنىستىرلىقىنى ئاراللاردىكى مۇساپىرلارنى قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ كېلىشكە چاقىردى.

بۇ ئۈچ ئارالدىن باشقا ئىلەريوز بىلەن ئىستانكۆي ئاراللىرىدىمۇ تەخمىنەن 15مىڭ مۇساپىر ياشايدۇ.

بىر قىسىم  ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر