پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى باشلاندى

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 38 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى كۇۋەيتتە باشلاندى.

862308
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 1989 – يىلىدىكى قۇرۇلۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئاز كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان يىغىنىغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن پەقەت كۇۋەيت ئەمرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن قاتار ئەمرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى قاتناشتى.

يىغىنغا ئومانغا ۋاكالىتەن ئىچكى كابىنېتقا مەسئۇل باش مىنىستىر ياردەمچىسى فەھد بىن مۇھەممەد ئال سەئىد قاتناشتى؛ سۇلتان قابۇس بىن سەئىد 2011 – يىلىدىن بۇيان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋال ئومانغا نىسبەتەن نورمال ھېسابلىنىدۇ.

يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەيندىنمۇ دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلمىدى.

پارس قولتۇقىدا باش كۆتۈرگەن كىرىزىسنىڭ كۆلەڭگىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيىر، بەھرەينگە ۋاكالىتەن باش مىنىستىر ياردەمچىسى مۇھەممەد بىن مۇبارەك ئال خەلىفە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئەنۋەر قارقاش قاتناشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشى پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

كۇۋەيت بولسا، بۇ كىرىزىستا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر