ترامپنىڭ ۋىزا چەكلىمىسى مەھكىمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قارارىنى ماقۇللىدى.

861439
ترامپنىڭ ۋىزا چەكلىمىسى مەھكىمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپىدىغان 6 دۆلەت پۇقراسىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىش» توغرىسىدىكى قارارنامىسىنى ئىجرا قىلسا بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوتنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دونالد ترامپ دائىرىلىرى سۈرىيە ، لىۋىيە، سومالى، ئىران، يەمەن ۋە چاد پۇقرالىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى، ئامېرىكىدا ياشايدىغان كىشى ياكى ئامېرىكا ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان تەقدىردىمۇ توسۇپ قىلىنىدۇ .

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ 24 – سېنتەبىردە چىقارغان 7 دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قارارى، ھاۋايى فېدېراتسىيە مۇپەتتىشى دېررىك ۋاتسون تەرىپىدىن «مىللەتلەرگە قاراپ كىشىلەرگە ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 17 – ئۆكتەبىردە توختىتىپ قويۇلغانىدى.

ترامپ دائىرىلىرى، مارت ئېيىدا نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان ئىران، سۈرىيە ، سۇدان، سومالى، يەمەن ۋە لىۋىيە پوقرالىرىغا 90 كۈن بويىچە ۋىزا بەرمەسلىكنى ۋە 120 كۈن بويىچە ئامېرىكىغا مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر