يەمەن پايتەختىدە توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋجىگە چىققان

يەمەندە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ھۇسىيلار بىلەن ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ قىسىملىرى ئارىسىدا پايتەخت سانائادا ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان توقۇنۇشلار، كەچ سائەتتە قايىتىدىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.

860719
يەمەن پايتەختىدە توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋجىگە چىققان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ قىسمىدىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار، ھۇسىيلار بىلەن پايتەخت سانائادا خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان توقۇنۇشلارنىڭ كەچتە قايتىدىن ئۇلغايغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر ھەربىي ئەمەلدار ھۇسىيلارنىڭ ئالجىرىيە كوچىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئەتراپتىكى مەھەللىلەرنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى، بىراق ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ قىسىملىرىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھەربىي ئەمەلدار: «ھۇسىيلار ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە تانكىلار بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بىز ھەربىي ياردەم ئالالمايۋاتىمىز، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئونلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى» دېگەن.

ب د ت يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ كوردىناتسىيە مەسئۇلى جېيمى مىك.گولدرىك پايتەخت سانائادا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنى توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

مىك.گولدرىك تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، سانائادا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ باياناتىدا، ھۇسىيلار بىلەن ئەلى ئابدۇللاھ سالىھى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يۈزلەرچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەرەپلەرنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشنى، پۇقرالار ۋە شەھەرنىڭ ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قوغداشنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر