ئامېرىكا: ئاخىرقى قېتىملىق سىناق پىيوڭياڭ بىلەن ۋاشىنگتوننى ئۇرۇشقا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى نىككى ھېلېي، شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدا توختالدى.

858538
ئامېرىكا: ئاخىرقى قېتىملىق سىناق پىيوڭياڭ بىلەن ۋاشىنگتوننى ئۇرۇشقا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى نىككى ھېلېي، شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ پىيوڭياڭ بىلەن ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى «ئۇرۇشقا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرغانلىقى» نى ئېيتتى.

نىككى ھېلېي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىدا پىيوڭياڭنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق سىنىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەگەر ئۇرۇش چىقىدىغان بولسا، بۇ تۈنۈگۈن بىز گۇۋاھ بولغان، (ئۇزۇندىن بۇيان) داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرچە قىلمىشلار سەۋەبىدىن چىقىدۇ ۋە ئۇرۇش چىقسا، شۈبھىسىزكى شىمالىي كورېيە تەلتۆكۈس يوقىلىدۇ» دېدى.

نىككى ھېلېي يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تېلېفون قىلىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە خام نېفىت سېتىشنى توختىتىشىنىڭ ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر