سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالىي مۇزاكىرە كومىتېتى جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان 8-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبەت يىغىنىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى.

857265
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئالىي مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باياناتچىلىرىدىن يەھيا ئارىدى ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتچى ئارىدى دېمىستۇراغا جەنۋەدىكى ب د ت ئۇچرىشىشلىرىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشلارنى كېچىكتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، سۈرىيە خەلقىنى قىيناشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئەمدى ئۆكتىچىلەر پارچىلاندى دەيدىغان باھانە يوق. بىز بىر ۋە قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشكە تەييارمىز. يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە سۈرىيەدە جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش رايونلىرى ئىچىدە بولغان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قاتتىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان شەرقىي گۇتادا 69 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 500 دىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى» دېدى.

بۈگۈن (29-نويابىر) بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتىنىڭ جەنۋەگە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تۇنجى قېتىملىق جەنۋە يىغىنى 2012-يىلى 30-ئىيۇن ئېچىلغان بولۇپ، 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنى 2014-يىل 22-يانۋار ئېچىلغان، بىراق نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى. 3-قېتىملىق جەنۋە يىغىنى بولسا، 2016-يىل 29-يانۋار باشلانغان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەبنى قورشاۋغا ئېلىش سەۋەبىدىن ئاخىرلاشقان ئىدى.

ب د ت مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 8-قېتىملىق جەنۋە يىغىنى 1-دېكابىر (جۈمە) كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، دېكابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە قايتا ئۇچرىشىش پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر