«ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە ئەسەدنى قاتناشتۇرمايمىز»

سۈرىيەلىك ئۆكتىچلەر تەرىپىدىن تەشكىل تاپقان سۈرىيە ئالىي كېڭىشى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇساپىسىگە ئەسەدنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

856412
«ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە ئەسەدنى قاتناشتۇرمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تەشكىل تاپقان سۈرىيە ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ناسىر ھەرىرى ئالىي كېڭەشنىڭ مەقسىتىنىڭ سۈرىيەدە سىياسىي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە بەششار ئەسەدنى قاتناشتۇرماسلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

8-نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارىتىدە شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جەنۋەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ناسىر ھەرىرى يىغىنغا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلىكتە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەرىرى ئەسەد ھەيئىتىدىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتففان دې مىستۇرا ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش توغرۇلۇق ئېنىق جاۋاب ئالالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىستۇرا ئەسەدنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.

مىستۇرانىڭ سۆھبەتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ناسىر ھەرىرى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەت يىغىنىدا تەرەپلەر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت، ئاساسىي قانۇن، سايلام ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت 4 مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر