بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دەمەشقنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 25 پۇقرا قازا قىلدى.

855985
بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇملاردا يارىلانغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر رايوندىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپيىيىپ كېيىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەن.

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ 14 – نويابىردىن بۇيان شەرقىي گۇتا ناھىيەسى ۋە يېزا – قىشلاقلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 100 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇدا 5 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي گۇتادا تەخمىنەن 400 مىڭ پۇقرانىڭ كۈندىلىك ھاياتى يوقسۇللۇق، ئاچارچىلىق ۋە قىيىن شارائىت ئاستىدا ئۆتمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر