ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھافىز مۇھەممەدنى قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئورنىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 10 مىليون دوللار سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان لەشكەرى تاييىبە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھافىز مۇھەممەد سەئىدنىڭ پاكىستان تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى ئەيىبلىدى.

855212
ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھافىز مۇھەممەدنى قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پاكىستاننى 2008 – يىلى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىلىۋاتقان نەزەربەند ئاستىدىكى لەشكەرى تاييىبە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدنى قايتىدىن تۇتقۇن قىلىپ سوتلاشقا چاقىردى.

ئامېرىكىنىڭ لەشكەرى تاييىبەنى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، سەئىدنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىگە دائىر روشەن خەلقئارالىق بىردەكلىك بار. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2008 – يىلى دېكابىردا چىقارغان 1267 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزۈلگەنىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭمۇ سەئىدنى 2012 – يىلى خەلقئارالىق تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سەئىدنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 10 مىليون دوللار سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.

باياناتتا يەنە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر