روبېرت فىسك: ئامېرىكا پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىندېپېندېنت» گېزىتىنىڭ پېشقەدەم مۇخبىرى روبېرت فىسك، پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا ياردەملىرىنىڭ توختايدىغانلىقىنى يازدى.

855218
روبېرت فىسك: ئامېرىكا پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىندېپېندېنت» گېزىتىنىڭ پېشقەدەم مۇخبىرى روبېرت فىسك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نى قوللاشنى يېقىندا پۈتۈنلەي توختىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىنىڭمۇ ئوتتۇرا شەرقتە تەسىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن فىسك، گېزىتتىكى ئانالىز ماقالىسىدە، «ئالدىمىزدىكى ئايلاردا پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا ياردەملىرى توختايدۇ، بەلكى، پ ي د تېررورچىلىرىنى قوللايدىغان ئاز ساندىكى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى قېلىشى مۇمكىن» دەپ يازدى.

«ئىندېپېندېنت» مۇخبىرى روبېرت فىسك ماقالىسىدە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىر چېشىير مۆشۈكىگە ئايلاندى. بەزىدە كۆزىمىزنىڭ ئالدىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ. بەلكى ئارقىدا پەقەت بۇ مۈشۈكنىڭ تەبەسسۇمى قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر