ئاق ساراي ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ياردەملەر جەھەتتە يولغا قويۇلىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەلۇمات بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

854910
ئاق ساراي ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىگە دائىر مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ۋە ي پ گ گە بېرىلگەن قوراللار ئۈستىدە توختالغان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ، سۈرىيەدە مەيداندىكى شېرىكلەرگە ھەربىي ياردەم قىلىش جەھەتتە يولغا قويۇلىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەلۇمات بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «ھەر ئىككى رەھبەر سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 - نومۇرلۇق تەكلىپىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرىلىشى ۋە جەنۋە مۇزاكىرىلىرىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا نىسبەتەن خاتىرجەم ماكانغا ئايلانماسلىقى ۋە تاشقى مۇداخىلىلەرگە ئوچۇق ھالغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ مۇقىملىققا ۋە ئىتتىپاقلىققا ئىگە بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى» دېيىلدى.

 ئاق ساراينىڭ باياناتىدا، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ يەنە، ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىنىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر