سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار جەنۋەدىكى مۇزكىرىلەردە ئورۇن ئالىدىغان رەھبىرىنى سايلىدى

سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەردىن ئىلگىرى ئورتاق بىر پوزىتسىيە بەلگىلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

854830
سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار جەنۋەدىكى مۇزكىرىلەردە ئورۇن ئالىدىغان رەھبىرىنى سايلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئالىي مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا ناسىر ھارىرىنى سايلىدى.

ناسىر ھارىرى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇزاكىرىلىشىدىغان ھەيئەتكە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئەسەد ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىۋاستە مۇزكىرىلەر 28 – نويابىردا باشلىنىدۇ. 

مۇزاكىرىدىن ئىلگىرى سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار ئورتاق بىر پوزىتسىيە بەلگىلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچى ۋە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار 20 - نويابىردا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، مەركىزى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە ناسىر ھارىرىنى سايلاپ چىقتى. ناسىر ھارىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جەنۋەدىكى مۇزاكىرىلەردىمۇ قوزغىلاڭچىلار ھەيئىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ناسىر ھارىرى جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشتا بارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ سۈرىيەنىڭ %98 نىڭ تېررورچىلاردىن تازىلانغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە سۈرىيەگە قىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملەرنى مۇزاكىرىلىشىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر