ياۋروپا ئىتتىپاقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يىغىن چاقىردى.

854300
ياۋروپا ئىتتىپاقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئەزەربەيجان، ئۇكرائىنا، گىرۇزىيە، ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە ۋە مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەر بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا «شەرق ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار»يىغىنى چاقىردى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى سابىق سوۋېت ئىتتپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقتىكى قوشنىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن دېموكراتىيە ساھەدىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گېرمانىيەنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېركېل مۇنداق دېدى: «قوشنىدارچىلىقىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.»

گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا ۋە مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مېركېل، يىغىندا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانگېلا مېركېل گېرمانىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى  جېن كىلاۋۇد جۇنكېرمۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ياۋروپانىڭ كېڭىيىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مۇقىملىققا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم.»

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مېيمۇ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا  بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رايوننىڭ كۈچىيىشى ۋە ئورتاق كۈچىمىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن رۇسىيەگە ئوخشاش دۈشمەن دۆلەتلەرگە  ھوشىيار بولۇشىمىز كېرەك.»

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېت باشلىقى دونالد تاسك بىلەن بۇ مەسىلە توغرۇلۇق كۆرشىدىغانلىقىنى ئېيتقان مېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدۇ، بىراق بىز ياۋروپانى تاشلاپ قويمايمىز، شەرتسىز ھالدا ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشمىز لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر