ئەسەد ئەسكەرلىرى 9 جانغا زامىن بولدى

ئەسەد ئەسكەرلىرى شەرقىي گۇتادا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

853903
ئەسەد ئەسكەرلىرى 9 جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي گۇتادىكى ھۇجۇملىرىدا 9 كىشى ئۆلدى.

ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئاربىن، ھارېستا، دۇما، مىسرابا، خاززە ۋە جىسرىن ناھىيەلىرىدىمۇ ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدىمۇ 7 ئادەم ئۆلگەنىدى.

5 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي گۇتا ئاستانا كېلىمىشى دائىرىسىدە «توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى»قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھامىيسى بولغان رۇسىيە بۇ يىل 22-ئىيۇلدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر