بىرلەشمە قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە رۇخسەت قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى پورتلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى توشۇغان پاراخوتلارنىڭ توختىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىرلەشمە قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى توشۇغان پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارغا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتىتا كۆرسىتىلىشىچە، پورتلار بۈگۈن (23-نويابىر) ئېچىۋېتىلىدىكەن، پايتەخت دەمەشىقتىكى ئايرودۇرۇملارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى توشۇغان ئايروپىلانلار قونالايدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىلانى تەييارلايدىغانلىقىنى، يەمەن خەلقىگە ياردەم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قارارىغا، نورۋېگىيە مۇساپىرلار كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋە ب د ت نىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ژان ئېگىلەند ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا يېمەك-ئىچمەك تەشكىلاتى ۋە ب د ت بالىلار فوندى ئۆتكەن ھەپتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، پورتلار بالدۇرراق ئېچىلمىغان تەقدىردە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھېچكىمنىڭ خەۋىرىسىز ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
ب د ت مەلۇماتلىرىدا ئەسكەرتىلىشىچە، يەمەندە مىليونلارچە ئادەم ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن سەھىيە مەسىلىلىرى بىلەن بىللە ياشىماقتا ئىكەن.