سەپداشلىرى ئېتىپ تاشلىغان شىمالىي كورېيەلىك ئەسكەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى

جەنۇبىي كورېيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا سەپداشلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان شىمالىي كورېيەلىك ئەسكەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەمبەھىرلىشىلدى.

852548
سەپداشلىرى ئېتىپ تاشلىغان شىمالىي كورېيەلىك ئەسكەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى
g.koreli asker.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرى باياناتچىسى ئامېرىكىلىق پولكوۋنىك چاد گ. كاررول ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەلىك ئەسكەرنىڭ ۋېدىئو كۆرىنىشىنى كۆرسىتىپ، 13 – نويابىردا پانمۇنجومدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، شىمالىي كورېيەنىڭ 1950 – يىلىدىن 1953 – يىللىرىغىچە بولغان كورېيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.  

ۋىدېئودا چېگراغا ئوپتوموبىل بىلەن بارغان شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ جەنۇبي كورېيەگە يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقى، سەپداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ 5 يېرىگە ئوق ئاتقانلىقى ۋە جەنۇبىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ يەرگە يېقىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنى سۆرىگەن ھالدا رايوندىن ئۇزاقلاشتۇرغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

شىمالىي كۆرېيە  ئەسكىرىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىغا تەۋە تىك  ئۇچار ئايروپىلان بىلەن سېئولغا يېقىن ئاجو ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەنى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىدىن ئولتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، دېپلوماتىك ۋە باشقا مۇناسۋەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۈزۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرماقتا.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر