بارزانى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى، ئىراق – ئىران چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ياردەم قولىنى سۇنغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى بارزانى ئەربىلدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن دەسلەپكى سائەتلەردىلا بىزگە ياردەم يوللىدى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىشخانىسىدىن بىزگە تېلېفون قىلدى. بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىمىز ۋە ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.
بارزانى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ – بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئەگەر تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، بۇنىڭدىن چوقۇم ناھايىتى بەك مەمنۇن بولىمىز. ئۇلارنىڭمۇ بۇ يەرگە كېلىشىنى خالايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
ئىراق – ئىران چېگراسىدا 12 – نويابىردا 7.3 بال يەر تەۋرىگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.