قۇل بازىرى قۇرۇلغانلىقىغا قارشى پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
نامايىشچىلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قۇل بازىرى قۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئۈچۈن لىۋىيەدە قۇل بازىرى قۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايچىشلار لىۋىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلۇشۇپ، ئاندىن ئاتاقلىق چامس ئەلىيسە كوچىسىدا يۈرۈش قىلدى.
نامايىش سەۋەبىدىن ساقچىلار كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
نامايىشچىلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى لىۋىيەدىكى ئىشلارغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئامېركىنىڭ «CNN» تېلېۋىزىيەسى ياۋروپاغا كېتەلمەي قالغان كۆچمەنلەرنىڭ لىۋىيەدىكى قۇل بازىرىدا سېتىشقا چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.