بېيجىڭدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 19 كىشى ئۆلۈپ، 8 كىشى يارىدار بولدى.

850406
بېيجىڭدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 19 كىشى ئۆلدى.

شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بېيجىڭنىڭ داشىڭ رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 19 كىشى ئۆلگەندىن باشقا يەنە، 8 كىشىنىڭمۇ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتىلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ئاپىتىنى غەلىبىلىك ئۆچۈرىۋالدى. يارىدارلار بالنېستقا ئېلىندى.

ئۈت كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان بىر قانچىلىغان كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىندى.

ئۈت كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈشلەر دۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر