تۈركىيە – قاتار ئوتتۇرىسىدا 10 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزۈلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتى جەريانىدا 10 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.
849077
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلىشىم مەركەز بانكىلىرى ئارا ھەمكارلىق، ساياھەت ئورۇنلىرى ئارا ھەمكارلىق، ھۆكۈمەتلەر ئارا قانۇن – ئەدلىيە ھەمكارلىقى، مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىقى، قېرىنداش پورتلار ھەمكارلىق كېلىشىمى، جىنايى ئىشلار ھەمكارلىقى، يېمەك – ئىچمەكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمكارلىقى، ت ر ت بىلەن قاتار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى، تۈركىيە ئىلمىي ۋە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى ئۇچۇر – ئالاقەت بىخەتەرلىك ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزى بىلەن قاتار دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا تەتقىقات ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.