ئامېرىكىدا مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى

يېرىم ئاپتوماتىك قورال بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئېتىپ ئۆتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈۈلدى.

847895
ئامېرىكىدا مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىتىنىڭ شىمالىدىكى تېھاما يېزىسىدا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4 كە چىقتى.

تېھاما يېزىلىق ساقچى دائىرىلىرى 1 يېرىم ئاپتوماتىك قورال ۋە 2 تاپانچا بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ياكى مەقسىدى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىدى.

تېھاما ساقچى پونكىتى مۇئاۋىن باشلىقى پىل جونسىتون ھۇجۇمدا يارىدار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېتسقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر