ياۋروپا ئىتتىپاقى ك ئ ق ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى، كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى (ك ئى ق ك)نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى ۋىرجىنىئې باتتۇ، كولومبىيە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بەرگەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2002 – يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى، 2016 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدا بۇ تىزىملىكىدىن ۋاقىتلىق چىقىرىلغانىدى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇئان مانۇئېل سانتوس بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى باشلىقى رودرىگو لوندونو 2016 – يىلى 24 – نويابىردا پايتەخت بوگوتادىكى تارىخىي كولون تىياتىرخانسىدا كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى 50 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بەرگەن تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى.
كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى 2017 – يىلى 17 – مارتتا 140 قورالىنى ب د ت ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ۋە جەزملەشتۈرۈش كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 50 يىلدىن ھالقىغان توقۇنۇش تارىخىدا تۇنجى قېتىم قورال تاپشۇرغانىدى.