ئامېرىكا 7 يىلدىن بۇيان ب د ت مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا تېگىشلىك پۇلنى تۆلىمىدى
ئادرېي ئازۇلاي: «ئامېرىكا ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ نە ئىپتىداسى، نە ئىنتىھاسى ئەمەس. تەشكىلات ئامېرىكىسىزمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ يېڭى باش دىرىكتورى ئادرېي ئازۇلاي ئامېرىكىنىڭ 2011 – يىلىدىن بېرى تەشكىلاتقا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇلنى ئۆتىمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئادرېي ئازۇلاي «فىرانس ئىنتېر رادىيوسى»غا بەرگەن باياناتدا، ئامېرىكىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»دىن چېكىنىش قارارى ئۈستىدە توختالدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئازۇلاي: «ئامېرىكا ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ نە ئىپتىداسى، نە ئىنتىھاسى ئەمەس» دېدى.
ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»نىڭ ئامېرىكىسىزمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ 2011 – يىلىدىن بېرى تەشكىلاتقا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇلنى ئۆتىمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكىنىڭ «كۆپ خىللىق»قا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ قارارنىڭ ھەيران قالارلىق بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئازۇلاي ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»نى تاشلاشنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن پايدىلىق بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئادرېي ئازۇلاي يەنە، ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»نىڭ سىياسىي يىرىكچىلكلەردىن ئۇزاق تۇتۇلىشى ۋە بىر پۈتۈن ھالدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.