رۇسىيە ئامېرىكىنى دائېشنى ئاستىرىتتىن قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى سۈرىيەدە دائېشنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.

847270
رۇسىيە ئامېرىكىنى دائېشنى ئاستىرىتتىن قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا «چاپان يېپىپ كېلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى ئەلبۇ كامالغا ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بارماقچى بولغاندا ئامېرىكىنىڭ توسالغۇ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېررورىزىمغا قارشى جەڭ قىلىش ئەمەس <جەڭ قىلغاندەك>كۆرۈنۈپ قويۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى»ئەسكەرتىلدى.

بۇرۇنمۇ BBC تەرىپىدىن  ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە دائېشقا تەۋە 250 تېررورچى بىلەن بالا-چاقىلىرى ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د نىڭ ياردىمى بىلەن راققەدىن بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال سېرگېي سۇروۋىكىنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – ي پ گ نىڭ دائېشنىڭ توقۇنۇشمايلا راققەدىن چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن تەشكىلات كاتتىباشلىرى بىلەن كېلىشكەنلىكىنى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرۇلۇق يالغان خەۋەرلەر تارقالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر