ئىراق پىرېزىدېنتى باغداد بىلەن ئەربىلنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم، باغداد بىلەن ئەربىلنى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك كىرىزىسىنى توغرىسىدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

846388
ئىراق پىرېزىدېنتى باغداد بىلەن ئەربىلنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇمنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورچىلار ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنىڭ ئىراقلىقلارنىڭ بىرلىك ئورنىتىش، ئەركىن، دېموكراتىك ۋە بىر ئارىدا تىنچلىق ئىچىدە ياشاش ئىرادىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ، «مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشتا بولۇپ پۈتكۈل سىياسىي تەرەپلەر ئارىسىدىكى توختاپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى لازىم. مەۋجۇت كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە مىللىي مەنپەئەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي يوسۇندا دىيالوگ ئۆتكۈزۈش باشلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر