تۇنىستىكى سۇ ئاپىتىدە ۋالىي ئېقىپ كەتتى
رايونلۇق خەلق مۇداپىئە ئىشلىرى باشلىقى مەھدى ھەددادنىڭ جەسىتى تېپىلدى، بىراق ماتماتا ۋالىيسىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىسنىڭ جەنۇبىدا، ھەپتە ئاخىرى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
گابېس ۋىلايىتىگە قاراشلىق ماتماتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئەلى ئەت تاييىپ باياناتىدا: «تۈنۈگۈن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. ماتماتا رايون ۋالىيسى مۇھسىن بىن ئاسى بىلەن رايونلۇق خەلق مۇداپىئە ئىشلىرى باشلىقى مەھدى ھەدداد ئولتۇرغان ئاپتوموبىل رايوندىكى تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا سەلنىڭ ئىچىدە قالدى. سەل ئېقىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بەنى زەلتان ۋادىسىدا مەھدى ھەددادنىڭ جەسىتى تېپىلدى. ماتماتا ۋالىيسى ئاسىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.
تۇنىس مېتېئورولوگىيە تەتقىقات ئىنستېتۇتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گابېس ۋىلايىتىدە ھەربىر كۇۋادىرات مېتىر يەرگە 191 مىللىمېتىر كۈب يامغۇر سۈيى چۈشكەن. مەدنىن ۋىلايىتىدە بولسا، ھەربىر كۇۋلادىرات مېتىر يەرگە 153 مىللىمېتىر كۈب يامغۇر سۈيى چۈشكەن.