ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

845810
ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدا دائېشقا قارشى قۇرۇلغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار سۈرىيەنىڭ دەير ئەززورغا قاراشلىق دۇۋەيجە يېزىسىنى بومباردىمان قىلىپ 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار دەير ئەززورنىڭ دۇۋەيجى يېزىسىنى بومباردىمان قىلغان.

بومباردىمان نەتىجىسىدە بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ ۋەيران بولغان.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سەھىيە خادىملىرىنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ھۇجۇم نىشانى قىلغان قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر