رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا پۈتۈشتى

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەدىن تازىلانغانغا قەدەر ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

845422
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاسىيا – نتىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى ئۈچۈن ۋېيتنامدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق قوشما بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى رەھبەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەدىن تازىلانغانغا قەدەر ھەمكارلىق ئورنىتىش، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە پۈتۈشكەن، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تەرەپلەر جەنۋە باسقۇچىدا ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرىق قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگۈسى خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر