ب د ت تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
845271
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس بىلەن كۆرۈشتى. بىنالى يىلدىرىم ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «باش كاتىپ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى مەۋجۇت مۇقىمسىزلىقلاردىن تۇغۇلغان مەسىلىلەر، كۆچمەنلەر ۋە پاناھلانغۇچلار كىرىزىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئېغىر يۈكنى تۈركىيەنىڭ قانداق چوڭ پىداكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بىزنىڭ بۇ نۇقتىدا تەبىئىي ھالدا ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ يۈكنى كۆتۈرۈشكە ئورتاق بولۇشدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.