ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى داۋىد داۋىس ئىتتىپاقتىن چېكىنىش ۋاقتىنىڭ 2019-يىل 29-مارت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

845101
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى داۋىد داۋىس مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئىتتىپاقتىن چېكىنىش قانۇنىغا قوشۇمچە ماددا سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئەينى ۋاقىتتا چېكىنىش ۋاقتىنىڭ ئەنگلىيە قانۇنىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى توغرىسىدا ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەنگلىيە 2019-يىل 29-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي چېكىنگەندە، باش ۋەزىر تىرېسا مېي چېكىنىش مۇساپىسىنى باشلاپ ئارىدىن تولۇق ئىككى يىل ئۆتكەندە ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى (2016) ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا، خەلقنىڭ %52 ى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى بىلەن، گرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مىقدارىنىڭ 4 مىليارد ياۋرو كۆپىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىدا 10 مىليارد 200 مىليون ياۋرولۇق قىزىل رەقەم كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. بۇمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەزىنىسىگە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقان گېرمانىيەگە قوشۇمچە مالىيە يۈكى قوشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر