قاتار كۇۋەيتتە ھەربىي ۋاكالەتخانا ئاچتى

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كۇۋەيتتىكى ھەربىي ۋاكالەتخانىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى غانىم شاھىن ئەلغانىمنىڭ كەسكەنلىكىنى بىلدۈردى.

844398
قاتار كۇۋەيتتە ھەربىي ۋاكالەتخانا ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتى بىرىگادا گېنېرالى ئىبراھىم سەئىد ئەلكەبىسىنىڭ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، «ئېچىلغان ھەربىي ۋاكالەتخانىنىڭ مۇداپىئە ۋە ھەربىي ھەمكارلىق باشتا بولۇپ قېرىنداش ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يەتكەن يۈكسەك نۇقتىنى ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى»  ئەسكەرتىلدى.

كەبىسى يەنە، ھەربىي ۋاكالەتخانىنىڭ قاتار ئارمىيەسى بىلەن كۇۋەيت ئارمىيەسى ئارىسىدا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ۋە ئالاقە ئورنىتىش كۆۋرۈكى بولىدىغانلىقىنى، ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەلىم – تەربىيە پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈ رىشتىسىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر