ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ئادىل بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان شاھزادىلەر ۋە مىنستىرلارنىڭ دېلوسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

842977
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ئادىل بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى «خىيانەت ۋە چىرىكلىك»بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مىنىستىرلار، شاھزادىلەر ۋە كاتتا كارخانچىلارنىڭ دېلوسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى ھېدېر ناۋۇرت (Heather Nauert) سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادىلەر، مىنىستىرلار ۋە داڭلىق كارخانچىلار بولۇپ  جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى  نۇرغۇن شەخسنىڭ «خىيانەت ۋە چىرىكلىك»قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ۋەقەسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى چىرىكلىك ۋە خىيانەت قىلمىشى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى  نۇرغۇن شەخسنىڭ دېلوسىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلمىز، شۇنداقلا  سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى دېلو بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئادىل ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمىز.»

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ «يېقىن ئالاقە»ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان ھېدېر ناۋۇرت سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى يىرىك مۇناسىۋىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، مۇناسىۋىتىمىز ئۆتمۈشكىچە سوزۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر