تېكساستىكى چېركاۋ ھۇجۇمچىسىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن قاچقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان دېۋىن پاترىك كېللېينىڭ 2012 – يىلى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن قاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

843375
تېكساستىكى چېركاۋ ھۇجۇمچىسىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن قاچقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، ساقچىلارنىڭ دوكلاتلىرىنى مەنبە قىلىپ، كېللېينىڭ ئايالى ۋە بالىسىغا قاتتىق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ھەربىي سوتقا، ئۇ يەردىن روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ساقچى تارماقلىرىنىڭ، كېللېينىڭ ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن خەۋپلىك بىرى ئىكەنلىكى ۋە ئۆز ۋاقتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھاۋا ئارمىيەسى سېپىدە باشقىلارغا ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتىدا، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن قاچقان كېللېينىڭ بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى، «ئايالى ۋە ئۈگەي ئوغلىغا قاتتىق قوللۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن بوشىتىلغان كېللېينىڭ ئارخىپلىرىنىڭ ئۇنى قورال سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ جىنايى ئارقا كۆرۈنۈشىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسىغا پەقەت كىرگۈزۈلمىگەنلىكى» نى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر