«شەرقىي ئاق دېڭىز - 2017» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى

«شەرقىي ئاق دېڭىز – 2017» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 2017 – يىلى 7 – نويابىر (بۈگۈن) دىن 16 – نويابىرغىچە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

842517
«شەرقىي ئاق دېڭىز - 2017» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىرغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتىگۈچى 2- دائىمىي گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بۇلغارىيە، ئەنگلىيە ۋە رومىنىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيەنىڭ دېڭىز، ھاۋا ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مانېۋىر ئارقىلىق ئىتتىپاقداش دېڭىز ئارمىيەلىرىنى رايون خاراكتېرلىك خەۋپ ۋە تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇرۇش مەزگىلى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى سىناق قىلىش، قارارگاھ خادىملىرىنى تەربىيەلەش، دېڭىز ھەرىكىتى ئىقتىدارىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ھەقىقىي قوراللارنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋال ھەرىكىتى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، ئىنسانىي ياردەم ۋە ھاۋا ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرى، تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا دېڭىز قىرغىقى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى سىناق قىلىشنى نىشان قىلغان مانېۋىردا، دېڭىز ئارمىيەسى قوراللىرى ئارىسىغا يېڭىدىن سەپلەنگەن TCG بايراقدار ناملىق پاراخوتنىڭ ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارىمۇ سىناق قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر