قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى، تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، قاتارنىڭ كۈچلۈك بىر شېرىك ۋە ئىتتىپاقداش بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

840944
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنا، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئال سانىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ماراكەشتە چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، قاتار بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا مۇداپىئە، ئىقتىساد، سودا ۋە سېلىنما ساھەلىرىدە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت بارلىقىنى، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە دېگەندەك پەرقلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىر مۇھەممەد پارس قولتۇقى كىرىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇھاسىرىگە ئالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىشىنى ۋە كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن دىيالوگ ئۈستىگە ئولتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشى، پارس قولتۇقى ئەللىرىدە كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر