گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

لىۋىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈرك ئىشچىلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا.

840815
گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئۇبارى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئۆمەر كۇكى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇبارى شەھىرىدىن گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىشچىلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ شەھەرنىڭ ئىچى – سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەھەرگە يېقىن جايلاردا سەھرا چارلاش خادىملىرىنىڭ ئىزدەش – چارلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھازىرغىچە گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچى تەرەپنىڭ كىملىكلىرىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن كۇكى، گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ بىر تېررورلۇق ۋەقەسى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى قەيت قىلدى.

لىۋىيەدىكى تۇئارەغ قەبىلىلىرى، ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنى دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئۇبارى شەھىرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن تۈرك شىركىتى خادىملىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ ئۇبارى شەھىرىدە قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىشى بىر تۈرك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 3 تۈرك بىلەن 1 گېرماننى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر