يەمەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ھۇسىي مىلىتانى ئۆلدى
يەمەندە شىئە گۇرۇپپىلار بىلەن ئارمىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 13 ھۇسىي مىلىتانى ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسى 7 – ھەربىي رايوننىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك ئابدۇللاھ ئەششەندەكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت سانانىڭ شەرقىگە جايلاشقان نەھەم رايونىدا ھۇسىيلار بىلەن يەمەن ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 13 ھۇسىي مىلىتانى ئۆلگەن، كۆپ ساندا مىلىتان يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىملىقسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى 2014 – يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ ھازىرغىچە سانا ۋە بەزى رايونلارنى كونترول قىلماقتا ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بولسا 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.