ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئەنگلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
840678
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىقلار ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى قورشىۋېلىشىنىڭ 38 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن: «يەر شارى خاراكتېرلىك جاھانگىرلىككە قارشى مىللىي كۈرەش كۈنى» پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئەنگلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىراندا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى 1979 – يىلى 4 – نويابىر كۈنى دۆلەتتىكى «جاسۇسلۇق ئۇۋىسى» دەپ ئاتالغان ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى قورشىۋالغان ۋە بەزى ئەلچىخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلۋالغانىدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.