ب د ت: ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى ھەل قىلىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش يوق

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرمىدا ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە ئاراكانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش سۆھبەتلىرىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

840567
ب د ت: ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى ھەل قىلىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئاراكان كىرىزىسى ۋە بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەردە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى. ئاراكانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە قانچە تىرىشقان بولساقمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، مۇۋەپپەق بولالمىدۇق. بۇمۇ ئەھۋالنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.»

بىرمىدىكى زوراۋانلىقتىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان مۇساپىرلارنىڭ ئاراكانغا قايتالىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىلىنى تەكىتلىگەن دۇجاررىچ، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا تىنچ ۋە ئەركىن – ئازادە ھالدا قايتىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق مىلىتانلارغا قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاراكاندا پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 25 – ئاۋغۇستتىن بۇيان مىڭلارچە مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا كىرىش – چىقىشلارغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بىرما ئارمىيەسى بىلەن ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ ئېتنىك تازىلاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھۇجۇملىرىدا 300 غا يېقىن يېزا ۋەيران بولغان، 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلمان تاغلىق رايونلار، دەريالار ياكى دېڭىز ئارقىلىق باڭلادېشقا قاچقان بولۇپ، قانچە ئون مىڭلىغان مۇسۇلمان باڭلادېشقا قېچىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر