ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچ ئوكياندىكى بازىسىدىن قوزغالغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قاتناشتۇرۇپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

840173
ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەلىك بىر ھەربىي ئەمەلدار بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىدىن قوزغالغان ب-1ب تىپلىق ئىككى دانە ئېغىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىككى دانە ف-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA بولسا، مانېۋىرنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو ئۇرۇشى قوزغاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 5 – نويابىردىن 14 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرىدە زىيارەتتە بولۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر