كاتالونىيەنىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى تۈرمىگە سولاندى

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن سەككىز مىنىستىرىنىڭ قېچىپ كېتىش ئېھتىمالى سەۋەب قىلىنىپ تۈرمىگە سولانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

839908
كاتالونىيەنىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى تۈرمىگە سولاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە سوت مەھكىىسى «قېچىپ كېتىش خەۋپى بار» دېگەننى سەۋەب قىلىپ، ئۈستىدە تۇتۇش ھۆكمى چىقارغان كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن سەككىز كاتالونىيە مىنىستىرىنى تۈرمىگە سولىدى.

ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسى كاتالونىيە ھۆكۈمىتى ئەزالىرى توغرىسىدا «دۆلەتكە قارشى ئىسيان قىلىش ۋە قارشى چىقىش» جىنايىتى بىلەن 25 يىل، «قوزغىلاڭ قىلىش» جىنايىتى بىلەن 15 يىل ۋە «دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى قالايمىقان ئىشلىتىش» جىنايىتى بىلەن سەككىز يىل قاماق جازاسى بېرىلىشنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سوت قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «قېچىپ كېتىش خەۋپى» سەۋەب كۆرستىلىپ، كاتالونىيەنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئورىيول جانكىۋېرز ۋە سەككىز مىنىستىر، سوت بىناسىدىن ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئۇدۇل تۈرمىگە ئاپىرىپ سولىۋېتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كاتالونىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئايرىم بەش تۈرمىگە سولانغان. سوت بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان تەخمىنەن 80 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، سوت ھۆكمىگە كاتالونىيە بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بەزى كاتالونىيەلىكلەر بولسا، ساقچى ئاپتوموبىللىرى چىققاندا كۆز يېشى قىلغان.

بېلگىيەدە تۇرۇۋاتقان كاتالونيە ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارلېس پۇئىگدېمونت ۋە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان باشقا سابىق تۆت مىنىستىر ئۈستىدىمۇ سوت ھۆكمى ئېلان قىلىندى. ھۆكۈمدە، ئۇلارنىڭ چەت دۆلەتلەرگە كەتكەنلىكى ۋە ئۇ يەردە ناھايىتى ياخشى تەشكىللەنگەنلىكى، بۆلگۈنچى جەمئىيەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەھكىمىنىڭ سوتچىسى كارمېن لامېلا بىريۇسسېلدا تۇرۇۋاتقان پۇئىگدېمونت ۋە سابىق تۆت مىنىستىر ئۈستىدىن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياۋروپا مىقياسىدا تۇتۇش بۇيرۇقى ۋە قايتۇرۇپ بېرىش قارارى چىقىرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسى كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۇتۇش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى بېلگىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوگانلىرىغا يەتكۈزىدۇ.

بۇ جەرياندا، مۇستەقىللىقنى ياقىلايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 12-نويابىر كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر